ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 25-ئىيۇن ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە ئالىي مەكتەپنى تەكشۈرۈشتە «بەشنى ئېتىراپ قىلىش» نى كۈچەيتىش ۋە «دۆلەت تىلى» نى ئومۇملاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەشنى تەلەپ قىلغان. ما شىڭرۈي بۇ سۆزلەرنى 25-ئىيۇن ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىدىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئېيتقان. ئۇيغۇرلارغا «دۆلەت تىلى» نامىدا خىتايچىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇلارغا «جوڭخۇا مىللىتى» ۋە «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ پارچىسى» ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بەشنى ئېتىراپ قىلىش» خىتاينىڭ 2017-يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈۋاتقان «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ تۈپ نىشانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۈي شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماركسىزم ئىنستىتۇتى، تىل-ئەدىبىيات ئىنستىتۇتى ۋە «خۇاڭ ۋېنبى مۇزىيى» نى كۆزدىن كەچۈرگەن. ئۇ بۇ جەرياندا قىلغان سۆزىدە «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق، توغرا ۋە ئەتراپلىق شەرھلەپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹بەشنى ئېتىراپ قىلىشى› نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى» نى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە «كۆپچىلىكنى تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، شىنجاڭدا دۆلەت ئورتاق تىلىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش» نى تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى «ئاز سانلىق مىللەتلەر» نىڭ تىل يېزىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئۇ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا رايوندىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى بىردەك چەكلىگەن. دائىرىلەر ھۆججەت چۈشۈرۈپ، مەكتەپتە ئۇيغۇرچە سۆزلىگەنلەرنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، ماۋ شىڭرۈي شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «خۇاڭ ۋېنبى مۇزىيى» نى تەكشۈرۈشتە قىلغان سۆزىدە «شىنجاڭدىكى ئارخېئولوگىيەلىك ۋە تارىخى تەتقىقاتنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ……شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى داۋاملىق تۇرغۇزۇش» نى تەكىتلىگەن.