رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى چىڭخەينىڭ خەيدۇڭ ۋىلايىتى خۇالۇڭ ناھىيەسىدىكى بىر تۈركۈم تىبەت ۋە تۇنگانلار ئۆلكە مەركىزى شىنىڭ شەھىرىگە توپلىنىپ، ئۆز ناھىيىسىنىڭ مائارىپ ۋەزىيىتىدىن شىكايەت قىلغان ۋە دۆلەتتىن مائارىپتا باراۋەرلىك تەلەپ قىلغان.
نامايىشچىلار يەنە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خۇالۇڭ ناھىيىسىگە گۇرۇپپا ئەۋەتىپ، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما رېنلۇڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بۇ نامايىش ھەققىدىكى رەسىملەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار كۆتۈرۈۋالغان لوزۇنكىدا «بىز، ما رېنلۇڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ ھوقۇقىنى چەتكە قېقىشىغا ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئىجراسىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرىمىز» دەپ يېزىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، تىجارەتچىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن 2005-يىلى قۇرۇلغان ھەمدە تىبەتچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە دەرس ئۆتۈلۈشى پىلانلانغان گەنجۇڭ ناملىق مەكتەپكە قوشۇمچە ياردەم بېرىش ھەققىدە يۇقىرى ئورۇنلاردىن تەستىق ئالغان بولسىمۇ، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، بۇ تەستىقنى ئىجرا قىلمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار مەزكۇر مەكتەپتىكى تىبەت ۋە تۇنگان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن تەشكىللەنگەن.
