كەم قالغان مائاشى ئۈچۈن نامايىش قىلغان كان ئىشچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.03.20

يەرلىكلەرنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى كەم قالغان مائاشى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلغان خېيلوڭجاڭلىق كان ئىشچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسى شۋاڭياشەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق كۆمۈركان ۋە پولات - تۆمۈر ساھەسىدىن ئىككى مىليونغا يېقىن ئىشچىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. قارار، مەزكۇر شىركەتلەرگە قاراشلىق ئىشچىلارنى نارازى قىلغان.

نامايىش ئۆتكەن شەنبە كۈنىدىن باشلانغان بولۇپ، نامايىشچىلار قوشۇنى بارا - بارا كېڭەيگەن.

نامايىشچىلار قوللىرىدا كەم قالغان مائاشنى تەلەپ قىلىدىغان پلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن بولۇپ، ئۇلار نامايىشنى تىنچىتىشقا چىققان ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، جۈمە كۈنىگە كەلگەندە نامايىشچىلار قوشۇنى نەچچە مىڭغا يەتكەن، خىتاي ساقچىلىرى بۇلاردىن 30 دىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، گاۋ فامىلىلىك بىر ئىشچى بەزى خىزمەتداشلىرىنىڭ 2014 ۋە 2015 خىزمەت يىلدا 60 پىرسەنت مائاشنى ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئاستىلاش خىتايدا بۇ خىلدىكى نامايىشلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم.

بۇ ھەپتە سىچۈەننىڭ لاڭجۇڭ شەھىرىدە بىر قىسىم قۇرۇلۇش ئىشچىسى كەم قالغان مائاشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان.

بۇلارنىڭ 8 نەپىرى چارشەنبە كۈنى سوتقا تارتىلىپ «ھۆكۈمەت خادىملىرىغا تەھدىت سېلىش» جىنايىتى بىلەن ئامما ئالدىدا سازايى قىلدۇرۇلغا ۋە 6 دىن 8 ئايلىققىچە قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.