فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانوئېل ماكرون، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن سودا قىلغان چاغدا ئۆزىگە پۇختا بولۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
بەزى دۆلەتلەرنىڭ سودا ساھەسىنى خىتايغا پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىپ بارغانلىقى، ھەتتا ياۋروپا مەنپەئەتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماكرون «خىتاينىڭ ‹بىر يول، بىر بەلۋاغ› قۇرۇلۇشىغا پەرۋا قىلماسلىق، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇش دېمەكتۇر، بۇ ئەمەلىيەتتە چوڭ بىر ئىستراتېگىيىلىك خاتالىق بولىدۇ،» دېدى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ماكرون ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن سودا مەسىلىسىدە ئورتاق بىر قارار ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سودىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ساھەلىرىنى قوغدىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ماكرون خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ياۋروپا رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئۇ يېقىنقى 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى داۋامىدا بىر قاتار سودا توختاملىرىنى تۈزگەن ۋە بۇنىڭ بىرقىسىمى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. پرېزىدېنت ماكرون خىتاي زىيارىتى داۋامىدا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان، ئەمما ئۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتايغا ئاممىۋى سورۇندا دېمىگىنى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەردە تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
