ئۇيغۇر ئېلىدە مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبلىك خەلقنىڭ ئەمەلىي كىرىمى تۆۋەنلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.07.26

ئۇيغۇر ئېلىدە مال باھاسىنىڭ شىددەتلىك ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبلىك خەلقنىڭ ئەمەلىي كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خىتاي ستاتىستىكا ئىدارىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يېرىم يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ساپ كىرىمى نامدا ئۆسكەن بولسىمۇ، بىراق 2‏-پەسىلدە 1‏-پەسىلگە قارىغاندا ساپ كىرىمى 6.0 پىرسەنت، ئەمەلىي كىرىمى 5.0 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مال باھاسىنىڭ ئىزچىل ئۆرلەپ كېتىشى پۇقرالارنىڭ ئەمەلىي كىرىمىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى فەن يۈجىن، ئۆتكەن يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايوندا مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى، بولۇپمۇ، شەھەرلەرگە قارىغاندا يېزىلاردا يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرگەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشى ئۇيغۇر ئېلىدە مال باھاسىنىڭ ئىزچىل يۇقىرى بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى يۆلەش سىياسىتى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كىرىم پەرقىنى چوڭايتىۋەتكەن.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەۋىرىدە، گۆش قاتارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلەپ كېتىشى، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىغا زور بېسىم پەيدا قىلغانلىقى ئىنكاس قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.