يەكشەنبە كۈنى مالايشىيا تارىخىدا 1957 - يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن سايلام ئۆتكۈزۈلدى.
ئەگەر بۇ سايلامدا ئۆكتىچى پارتىيە غەلىبە قىلسا، 1957 - يىلى، مالايشىيا مۇستەقىل بولغان 56 يىلىدىن بۇيان ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان مىللىي فرونتنىڭ مالايشىيانى ئىدارە قىلىشىغا خاتىمە بېرىلىدۇ. يەنى، مىللىي فرونت رەھبىرى، مالايشىيا باش مىنىستىرى نەجىب رازاق ۋەزىپىسىدىن قالىدۇ.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىللىي فرونتقا قارشى رىقابەتچى سۈپىتىدە سايلامغا چۈشكەن ئۈچ پارتىيىنىڭ بىرلىشىشى ئاساسىدا قۇرۇلغان خەلق بىرلىكىنىڭ رەھبىرى ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ غەلىبە قىلىشى ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن مالايشىيا بويىچە 8789 بېلەت تاشلاش پونكىتى پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 18 دۆلەتنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى سايلامنى كۆزەتكەن. 1200 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس تەشكىلات كۆزەتكۈچىلىرى سايلام جەريانىنى نازارەت قىلغان.
ئەنۋەر ئىبراھىم ئىلگىرى مالايشىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بولغان. كېيىن سوتلىنىپ، تۈرمىگە مەھكۇم قىلىنغان، بىراق ئۇ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان ئىدى.
