مالايشىيادىكى چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.02

مالايشىيادىكى چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بولغان «يەرشارى تىنچلىق ھەرىكىتى» تەشكىلاتى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

م س ن خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئاخمەد فەھمى موھد سامسۇدىن مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېچىلغان بىر يىغىندا مالايشىيا، ھىندونېزىيە ۋە بانگلادەش قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر قانچە قېتىملىق نامايىش بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئاساسەن سۈكۈتتە قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، پەلەستىن ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرۈپ كەلگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە ئوخشاش پوزىتسىيەنى داۋام قىلدۇرالمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ: «ئەلۋەتتە بۇ ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بىز بۇ ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن بۇنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئىپادە قىلىدىغان بىر يول بارلىقىنى بىلىمىز» دېگەن. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مالايشىيا مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان. مەزكۇر كېڭەش رەئىسى ئەزمى ئابدۇل خامىد بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىمىز، ئەمما ئۇ يەردە بىر زۇلۇم بولۇۋاتقانلىقىمۇ ھەقىقەت. بىز ھۆكۈمىتىمىزدىن بۇ مەسىلىدە بىر ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن. 

مالايشىيا ھۆكۈمىتى لاگېرلار مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرگەن تۇنجى ئىسلام دۆلىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مالايشىيا پارلامېنت ئەزاسى ۋە بولغۇسى باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 

مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيفۇددۇن ئابدۇللاھ بۇ يىلنىڭ بېشىدا قىلغان بىر سۆزىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللاردىن قاتتىق ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە: «مالايشىيا ھۆكۈمىتىمىز ئۆز پوزىتسىيەمىزنى يەنىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىسىدا داۋاملىق ئىزدەنمەكتىمىز،» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.