خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلىشى مالايسىيادا كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.12.20

خىتاينىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەي تيەننىڭ مالايسىيا تاراتقۇلىرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى «غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ تەشۋىقاتى» دەپ ئەيىبلىشى مالايسىيادا قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىغان. خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي سەھەرى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەي تيەننىڭ ماقالىسى مالايسىيادا مۇنازىرە قوزغاپ قاتتىق تەنقىدلەنگەن.

خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ماقالىسى «يۇلتۇز»، «مالاي پوچتىسى»، «بەرىتا خارىئان» ۋە خىتاي تىلىدىكى «شىنچى جىپو» قاتارلىق گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغانىدى. ئۇ: «غەرب سىياسەتچىلىرى ۋە تاراتقۇلىرى ئېيتمىغان شىنجاڭ توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەر» ناملىق ماقالىسىدە، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر دوكلاتلىرىنى «ھېسسىياتچىل يېرىم يارماق خەۋەرلەر» دەپ ئەيىبلىگەن. بەي تىيەن، «خىتايدا ئۇيغۇردەك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەن جازاسىغا ئەمەس، خىتاي قېرىنداشلىرىدىنمۇ ئەۋزەل سىياسى‏-ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا ئېرىشىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، «جەنۇبىي خىتاي سەھەرى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەلچىسىنىڭ ماقالىسى ئۇ كۈتكەن نەتىجە بەرمەي، ئەكسىچە مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. 

ئۇلار خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ماقالىسىنى باسقان مالايسىيا تاراتقۇلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. مالايسىيادىكى ياش مۇسۇلمان زىيالىيلىرىنىڭ تەشكىلاتى بولغان «ئىسلامى ئويغىنىش فرونتى» نىڭ دىرېكتورى ئەخمەت فەرۇق مۇسا، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ھەر خىل ئاممىۋىي مۇناسىۋەت ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، مۇسۇلمانلارنى «بۇلارنىڭ ھەممىسى غەربنىڭ سۈيقەستى» دېگەنگە قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى، لېكىن ب ب س نىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىر پاكىت» دېگەن. 

بۇ مۇنازىرە 20 دەك مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ رەھبىرى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى مالايسىيا پايتەختى كۇئالا-لومپۇردا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن. يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرەقىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئەمما مالايسىيا باش مىنىستىرى ماخاتىر ئۆتكەن ھەپتە رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.