مالايشىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر بۈگۈن سوتقا چىقىرىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-04-24
Share

ئۆتكەن يىلى تايلاندتىكى تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىن مالايشىيادا تۇتۇلۇپ قالغان 11 نەپەر ئۇيغۇر سەيشەنبە كۈنى مالايشىيادا سوتقا چىقىرىلغان. ئەركىن مالايشىيا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايشىيا دائىرىلىرى سوتتا بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇرنى «مالايشىيا چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. بىراق، ئۇلار خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار ماددىلارغا ئاساسەن يۇقىرىدىكى ئەيىبنامىنى رەت قىلغان.

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سوتى بۈگۈنگىچە تەرجىمان بولمىغانلىق سەۋەبى بىلەن ئىككى قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى. خەۋەردىن قارىغاندا، ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلارغا «قانۇنسىز چېگرادىن كىرىش» جىنايىتى بېكىتىلگەن تەقدىردە ئۇلارغا جەرىمانە ۋە 5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. كېيىنكى قېتىملىق سوت 31-ماي كۈنى ئېچىلىدىكەن. 

بۇ 11 ئۇيغۇر 4 يىلنىڭ ئالدىدا تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا تايلاندتا تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن 200 چە ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى 2015‏-يىلى خىتايغا قايتۇرۇلغان، بىر قىسمى تۈركىيەگە يۆتكەلگەن. تايلاندتا قېپقالغانلىرىدىن 20 نەپىرى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى تۈرمە تېمىنى تېشىپ ۋە يوتقان-ئەدىياللىرىنى ئارقان قىلىپ تۈرمىدىن قېچىپ چىققان ئىدى.

11 ئۇيغۇر تۇتۇلغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى مالايشىيادىن ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى مالايشىيانى بۇ 11 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان. ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرى، ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتىي بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت