11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ مەسىلىسى مالايشىيا ئاخباراتىدا مۇنازىرە قوزغىغان

مالايشىيادا تۇتۇلۇپ قالغان 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-بەرمەسلىك مەسىلىسى مالايشىيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى مالايشىيا ئاخباراتلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قارشى پىكىرلەر پەيدا بولغان.

يېقىندا مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسىنى سۆزلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مالايشىيا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلار ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم بايانات ئېلان قىلغان.

مالايشىيانىڭ «بۈگۈنكى ئەركىن مالايشىيا» ناملىق ئۆكتىچى تورى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈنلا 'تېررورچى' دەپ قاراۋاتقان ئەھۋالدا»، بۇ مۇساپىرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ «كەم ئەقىللىق» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مالايشىيانىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى، ئەگەر ئۇيغۇر مۇساپىرلار قايتۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە ئادالەتسىز جازاغا دۇچ كېلىدىغان ئەھۋال بولسا، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مالايشىيادىكى «سىنار خارىئان» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايشىيا پارلامېنت ئەزاسى راجا كامارۇل باھرىنشاھ راجا ئەخمەت، «ئەگەر تۇتقۇنلار قايتۇرۇپ بېرىلسە قاتتىق جازالىنىدۇ ياكى ئادالەتسىز سوتلىنىدۇ دەپ قارالسا، ئۇلار ئۇنىۋېرسال ئادالەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاساسىدا قوغدىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ قارارىنى خەلقئارا ئادەتلەر بويىچە ئۆزگەرتىدۇ،» دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا، ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىشى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. مالايشىيانىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى ‏- «بېراما» نىڭ بەرگەن خەۋىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ تېخى ئاخىرقى قارارنى چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.