مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەھمەد زاھىت «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تېررورچى دەپ قاراش ئادالەتسىزلىكتۇر» دېگەن

مالايشىيادا چىقىدىغان «ئاسىيا بىر» خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ تايلاند تەرەپتىن تاپشۇرۇپ ئالغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدىكى ئۇچۇردىن كېيىن ھوشيارلىقنى پەۋقۇلئاددە كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.

ئىگىلىنىشىچە، تايلاند ساقچى دائىرىلىرى تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تايلاندتىن ئايرىلىپ مالايشىياغا ماڭغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ خەۋەر مالايشىيا دائىرىلىرىنى جىددىيچىلىككە سالغان. مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دوكتور ئەھمەد زاھىت 10-ئاپرېل كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تېررورچى دەپ قاراش ئادالەتسىزلىكتۇر،» دېگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «گەرچە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە چېتىلىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تېررورلۇققا باغلاپ چۈشىنىش توغرا ئەمەس. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مالايشىياغا قانۇنلۇق پاسپورت بىلەن زىيارەتكە كەلمەكتە.»

مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دوكتور ئەھمەد زاھىت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مالايشىيانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، ئۇ بۇ سۆزلەرنى يەكشەنبە كۈنى «بىرىنچى نۆۋەتلىك مالايشىيا پاراۋانلىق ساياھەت يىلى» نىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن.