مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر ئەركىنلىككە چىقتى

مالايسىيا ھۆكۈمىتى مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىكى بارلىق ئەيىبلەشلەرنى بىكار قىلىپ ئۇلارنى ئازاد قىلدى. «باڭكوك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن ئۈستىدىكى ئەيىبنامىلەر ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن مالايسىيا تەپتىش ئەمەلدارى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان. ئۇلار تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن سەيشەنبە كۈنى مالايسىيادىن ئايرىلىپ، ساق -سالامەت ھالدا تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن.

مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن 4 يىلنىڭ ئالدىدا تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئۇلار ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى تايلاندتىكى بىر تۈرمىدىن قېچىپ، مالايسىيا چېگراسى ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن مالايسىيا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە مالايسىيادا «چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە سالامەت ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئىزچىل ھالدا تەكىتلەپ كەلگەن. مالايسىيا دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاتتىق بېسىمىغا قارىماي، 11 نەپەر ئۇيغۇرنى ئازاد قىلىشى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ۋە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قاتتىق سۆيۈندۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون تۋىتتېر ئارقىلىق بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، «بۇ ئۇزۇندىن بۇيان بىز ئاڭلاشقا تەشنا بولۇۋاتقان بىر خوش خەۋەر ئىدى» دېدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق 11 نەپەر ئۇيغۇرنى ئازاد قىلغان مالايسىيا ھۆكۈمىتى ۋە بۇ ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئاچقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تەشەككۈرىنى ئىپادىلەشتى.

«باڭكوك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مالايسىيانىڭ 93 ياشلىق باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد خىتاينىڭ مالايسىياغا سالىدىغان 20 مىليارد دوللارلىق قۇرۇلۇش پىلانىنى بىكار قىلىۋەتكەندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق خىتاينى بىئارام قىلىدىغان بىر ھەرىكەت ئىكەن.