مالايسىيا باش مىنىستىرى: «ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلدى، چۈنكى ئۇلار ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغان»

مالايسىيا باش مىنىستىرى مۇھەممەد ماخاتىر، دۈشەنبە كۈنى ئۆتكەن يىلى تايلاند تۈرمىسىدىن مالايسىياغا قېچىپ ئۆتكەن 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ يۇقىرىقى 11 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى تۈركىيەگە يولغا سالغان. مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماخاتىر دۈشەنبە كۈنى مالايسىيا پارلامېنتىدا مۇخبىرلارغا مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سۆز قىلىپ: «ئۇلار بۇ دۆلەتتە ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىدى. شۇڭا، ئۇلار قويۇپ بېرىلدى» دېگەن.

مۇھەممەد ماخاتىر بۇ يىل 5‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مالايسىيا پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ ھۆكۈمەت قۇرغان. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا سابىق مالايسىيا باش مىنىستىرى نەجىپ رازاقنىڭ خىتاي بىلەن ئىمزالىغان 20 مىليارد دوللارلىق ئۇل-ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش كېلىشىمىنى بىكار قىلغان. ئۇنىڭ قارارى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ماخاتىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئارقىدىنلا 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنى قويۇپ بېرىشى خىتاينىڭ تېخىمۇ نارازىلىقىنى قوزغايدىكەن.

مالايسىيا ھۆكۈمىتى 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت، مالايسىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىسلامى جامائەتلەرنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، تۇرمۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى مالايسىياغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ 11 نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىپ تۈركىيەگە يولغا سالغانلىقىغا «قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.