«بۈگۈنكى مالايسىيا» گېزىتىدە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش چۇقانلىرى ئورۇن ئالدى
2022.10.18
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلات توغرىسىدا مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرۇش تەكلىپى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەتتىن 19 دۆلەتنىڭ رەت قىلىشى، 17 دۆلەتنىڭ ھىمايە قىلىشى تۈپەيلىدىن ئاۋازغا قويۇشتا مەغلۇپ بولغانىدى. يېقىندا مالايسىيادىكى ئەڭ چوڭ مۇستەقىل گېزىتلەردىن بولغان «بۈگۈنكى مالايسىيا» گېزىتى بۇ ھەقتىكى جامائەت پىكرىنى توپلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
تەنقىد پىكىرلىرى شۇ قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي تەرەپتە تۇرغانلىقى ياكى «ئەپچىللىك بىلەن ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكى» نى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى قىلدى. شۇ قاتاردا «ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش» نى تاللىغانلار قاتارىدىن مالايسىيانىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقى تەنقىدلىنىپ «نېمە ئۈچۈن ‹مالايسىيا ئىسلام پارتىيەسى› ۋە ئۇنىڭ رەئىسى ئابدۇل ھادى ئاۋاڭ (Abdul Hadi Awang) ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە دات-پەريادىغا قۇلاق سالمايدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلدى. شۇنداقلا ئىسلام ھاكىمىيەتلىرىنىڭ خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان زالىملىقىنى ھىمايە قىلىشى بىلەن خىتايغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى خرىستىئان دۇنياسى ئىكەنلىكى سېلىشتۇرۇلدى.
يەنە بەزى پىكىر بەرگۈچىلەر بولسا ئىسرائىلىيە تەۋەلىكىدىكى ئەرەبلەرگە شۇنچە كۆپ ئەركىنلىك ۋە ھەقلەر بېرىلگەن تۇرسىمۇ ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئىزچىل ئىسرائىلىيەنى تەنقىدلەپ كەلگەنلىكىنى، كۆرسەتتى. مەزكۇر پىىر ئىگىلىرى ئۇيغۇرلارغا ئەڭ ئەقەللىي ھەقلەر بېرىلمىگەننى ئاز دەپ ئۇلارنى لاگېرغا قاماش ھەمدە پۈتكۈل مىللەت بويىچە يوقىتىش مەلۇم بولۇۋاتقاندا ئىسرائىلىيەنى تەنقىدلەپ كەلگەن ئەرەب ھاكىمىيەتلىرىنىڭ «زۇۋان سۈرمەس» بولۇپ قالغانلىقىنى تەنقىدلەپ: «ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى خىتاي ئۆلتۈرۈۋاتسا ئىسلام دۇنياسىنىڭ قاراپ تۇرغىنىنى نېمە دەپ چۈشىنىمىز؟» دەپ سوئال قويغان.