مالايسىيا پارلامېنت ئەزاسى ئەنۋەر ئىبراھىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

مالايسىيا پارلامېنت ئەزاسى ۋە بولغۇسى باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. «نىككېي ئاسىيا خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئەنۋەر ئىبراھىم بۇ سۆزنى پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر گېزىتنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان.

ئۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنغا ئىشىنىش ۋە ئەركىن ساياھەت قىلىشتىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك»، دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنۋەر ئىبراھىم كېلەر ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدىكەن. ئۇ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىگە «ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە بىر چۈشەنچە بېرىدۇ»، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان. چۈنكى، ئەنۋەر ئىبراھىم بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، «لاگېرلار مەسىلىسى ئەمدى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس» دېگەن ئىدى.

ئۇ، پەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە ئەسكەرتىپ: «ئەلۋەتتە بىزنىڭ دەردىمىز ئۇلارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) دىنى ۋە ساياھەت قىلىش ھوقۇقلىرى. بىزنىڭ مەيدانىمىز شۇكى، ھەرقانداق زوراۋانلىق مەيلى ئۇ بىر دۆلەت ياكى ئاۋام تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى كۆرمەسكە سالالمايمىز» دېگەن.

مالايسىيا ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە مالايشىيادا قانۇنسىز چېگرادىن كىرىش جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇرنى ئازاد قىلغان ئىدى. مالايشىيانىڭ 93 ياشلىق باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد ئۆز قارارنى ياقىلاپ، «بىز ئۇلارنى قويۇۋەتتۇق، چۈنكى ئۇلار گۇناھسىز» دېگەن ئىدى.

خەۋەردىن قارىغاندا، مالايسىيا خەلق ئادالەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئىبراھىم مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى پارلامېنتتا قەسەم بېرىپ پارلامېنت ئەزاسى بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھازىرقى باش مىنىستىر ماھاتىر مۇھەممەد بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش يولى داغدام ئېچىلغان. ئەنۋەر ئىبراھىم ئۆزىنىڭ كېلەر ھەپتە بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىنىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرگەندە: «خىتاي ھۆكۈمىتى مەندىن مالايسىيا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكىنى بىلىپ باقماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.