مالايسىيا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى


2019-11-12
Share

مالايسىيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى يېتىلىۋاتقان ياشلاردىن پارلامېنت ئەزاسى نىك نازمى 8-نويابىر كۈنى مالايسىيا پارلامېنتىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق چوڭ يىغىندا پارلامېنت باشلىقىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئاغزاكى مەلۇمات بەردى.

ئۇ سۆزىدە «شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. مالايسىيا ئۈچۈن خىتاي گەرچە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن ئىگىلىسىمۇ، بىز ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت پىرىنسىپىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە زۇۋان سۈرمىسەك قەتئىي بولمايدۇ» دېدى.

نازمى سۆزىنىڭ داۋامىدا ھازىر ئىسلام دۇنياسىدا پەقەت مالايسىيا ۋە تۈركىيەنىڭلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئانچە-مۇنچە سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى بۇلارنىڭمۇ جىم بولۇۋېلىشنى تاللىشىنى ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دوكتۇر ئادريان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇماتلىرى ئاساسىدا تەييارلىغان دوكلاتتىن مىسال ئېلىپ، ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنىڭ ئادەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئەمەلىي ھەركەتتە بولۇشىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت