ماناس رايونىدا مول كۆمۈر كان زاپىسى بارلىقى بېكىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-07-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ۋە خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى جەنۇبىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكىنىڭ ماناس دەرياسى ۋادىسى، يەنى ماناس ناھىيە تەۋەلىكىدىكى كۆمۈر كان رايونىدىكى كۆمۈر زاپاس مىقدارىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ رايوندا سۈپىتى يۇقىرى ئۈچ مىليارد 818 مىليون توننا كۆمۈر زاپىسى بارلىقى ئاشكارىلانغان. «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى مەزكۇر ناھايىتى مول كۆمۈر زاپىسىغا ئاساسەن بۇ جايدا چوڭ كۆلەمدە كان رايونى ۋە كۆمۈر ئېلېكتر بازىسى قۇرۇش مۇمكىن، دەپ ھېسابلىغان.

ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا جەنۇبى جۇڭغار ۋە شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكلىرى، تۇرپان-قۇمۇل، ئىلى، قوشتولغاي، كۇچار ۋە باي كۆمۈرلۈكلىرى ئاساسلىق نۇقتا سۈپىتىدە ئىش ئېلىپ بارماقتا. ماناس ناھىيىسى تەۋەسىدىكى مەزكۇر كۆمۈر زاپىسى بىۋاسىتە جەنۇبىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكى تەرىپىدىن ئېچىلىدىكەن.

خىتاي «دۆلەتلىك كۆمۈرى سانائىتى تورى» ۋە باشقىلارنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2011-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆمۈر بايلىقى زاپىسىنىڭ 320 مىليارد توننىغا يەتكەنلىكى، 2014-بولسا 369 مىليارد 200 مىليون توننا ئىكەنلىكى ھېسابلاپ چىقىلغان بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ مۇھىم كۆمۈر بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش» پىلانىنى يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھەر قايسى كۆمۈرلۈكلەرنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، كۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇش مىقدارىنىمۇ ئاشۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت