ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى

8-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر دىققەت قوزغىدى.

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مانېۋىر ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ تەكشۈرۈش ئەترىتى، يۈك توشۇش تارماق شىركىتى، قوراللىق ساقچى قىسىملىرى قاتارلىق 3 ئورۇننىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتى بولۇپ، ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ 2016-يىللىق «تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى» دەپ نام بېرىلگەن.

خەۋەردە يەنە بۇ خىل مانېۋىرلارنىڭ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، بىرقانچە ئورۇننىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدىكى بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى كۆپەيتكەنلىكىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقى ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.