ماۋ زېدوڭنىڭ خېنەن ئۆلكىسىگە تىكلەنگەن غايەت زور ھەيكىلى يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپلا چېقىۋېتىلگەن
2016.01.11
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەيفېڭ شەھىرىگە قاراشلىق توڭشۈ ناھىيەسىدىكى بىر كەنتكە تىكلەنگەن ماۋ زېدوڭنىڭ غايەت زور ھەيكىلى يېقىندا تۇيۇقسىزلا چېقىۋېتىلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ماۋ زېدوڭنىڭ 37 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ ئالتۇنرەڭ ھەيكىلى بۇلتۇردىن بۇيان توڭشۈ ناھىيەسىدىكى خىتاي دېھقانلىرىنىڭ پۇل توپلىشى بىلەن ياسالغان ئىكەن. ھالبۇكى، مەزكۇر ھەيكەل پۈتۈپ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى كۈتىۋاتقان يېقىنقى كۈنلەردە تۇيۇقسىزلا چېقىۋېتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق باھا ياكى ئۇچۇر بەرمىگەن. ئەمما ئۆتكەن ئايدا خىتاي ھۆكۈمەت تارتقۇلىرىدىن «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ غەربىي - شىمالىدىكى چەت رايونلاردا ماۋ زېدوڭنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەش قىزغىنلىقىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى، ھەتتا بەزى جايلاردا ماۋ زېدوڭغا چوقۇنۇش مەزمۇنىدىكى دىنىي مۇراسىملارنىڭ ئۆتكۈزىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
مەزكۇر ماقالىدە مۇنۇلار ئەسكەرتىلگەن: «ماۋ زېدوڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇشنى مەيلى مەركىزىي ھۆكۈمەت بولسۇن ياكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بولسۇن بىردەك تەشەببۇس قىلمايدۇ.»
مەلۇمكى، خېنەن ئۆلكىسى ماۋ زېدوڭ خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ قاباھەتلىك قىسمەتلەرگە ئۇچرىغان جايلارنىڭ بىرى ئىكەن. «ئاتلانتىك» تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ماۋ زېدوڭ 1958 - يىلى يولغا قويغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» سىياسىتى نەتىجىسىدە خىتايدا قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ 1961 - يىلىغىچە تەخمىنەن 25 مىليۇندىن 40 مىليۇنغىچە خەلقنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكى مەلۇم. بۇنىڭ ئىچىدە خېنەن ئۆلكىسىدە ئاچلىقتىن ئۆلگەن خىتايلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، بىرقانچە مىليۇنغا يېتىدىكەن. قەشقەر شەھىرىگە تىكلەنگەن ماۋ زېدوڭنىڭ غايەت زور ھەيكىلىمۇ ئەينى چاغدا خېنەن ئۆلكىسىدە ياسىلىپ، ئاندىن قەشقەرگە ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.









