كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا پايدىلىق سىياسەت كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-05-10
Share

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو خىتاينىڭ ئ‍امېرىكا شىركەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىنىڭ خىتايغا پايدىلىق سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى تىجارىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قانداق ئىش قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكتىكەن. ئۇ، شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ خىتاينىڭ تەلەپلىرىگە بويسۇنۇپ، ئاندىن ئامېرىكاغا قايتىپ كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ناتوغرا مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«بىر ئامېرىكا خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماركۇ رۇبىئو بۇ سۆزنى 7-ماي كۈنى ئامېرىكانىڭ فلورىدا شتاتىدىكى بىر داڭلىق يەرلىك رادىيو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان. ئۇ خەلقئارادىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم باھالاش ئېلىپ بېرىپ: «ئەگەر خىتاي سىزنى ئ‍ۆزىنىڭ ئىقتىسادىدىن تېپىپ چىقارسا بۇ سىزنىڭ كىرىمىڭىز ئۈچۈن قاتتىق زەربە بولىدۇ ۋە بۇ پاي چېكىڭىز. ئۈچۈن خۇشاللىق بولمايدۇ» دەپ قورقۇ سالىدىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

رۇبىئونىڭ ئېيتىشىچە، بولۇپمۇ بۇ ئەھۋال 2019-يىلى خيۇستون راكېتا كوماندىسىنىڭ باش دىرېكتورى تىۋىتتىردا ئۆزىنىڭ خوڭكوڭنى قوللاپ ئۇچۇر يوللىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋاسكېتبول جەمئىيىتى NBA نىڭ بۇنى ئەيىبلىشى ۋە خىتايدىكى NBA مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشىدىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋج ئالغان. رۇبىئونىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئامېرىكاغا قارشى كاپىتالىزمنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق شىركەتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ مەيدانىنى قوللاشقا سالماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت