ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىيو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېرىكلىكىنى ئاشكارىلاش قانۇن لايىھەسى سۇنغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.06.14

ئامېرىكانىڭ جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ چېرىكلىكىنى ئاشكارىلاش قانۇن لايىھەسى سۇنغان. مەلۇم بولۇشىچە، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يامان غەرەزلىك تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى-2024» ناملىق بۇ لايىھە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات باش دىرېكتورىدىن «خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ مال-مۈلكى، چېرىكلىك ھەرىكەتلىرى ۋە باشقا مەقسەتلىرى ھەققىدە دوكلات تەييارلاش ۋە سۇنۇش» نى تەلەپ قىلىدىكەن.

ماركۇ رۇبىيو 13-ئىيۇن كۈنى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «كوممۇنىستىك خىتاي بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى. ئامېرىكا خەلقى بېيجىڭ يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ مۇرەككەپ رېئاللىقىنى ئويلىشى كېرەك. مەيلى ئىقتىسادىي، مەيلى ئىجتىمائىي ياكى ھەربىي جەھەتتىن بولسۇن، بىز خىتاينىڭ دۆلىتىمىزنى دۇنياۋى يېتەكچى كۈچ بولۇشتىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن كۈنسېرى قۇتراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرماقتىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللىنىپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى 80 كۈن ئىچىدە، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئىستىخبارات ئالاھىدە كومىتېتى بىلەن كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات ئالاھىدە كومىتېتىغا كېلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ چېرىكلىك خاھىشلىرى ۋە باشقا يامان غەرەزلىك قىلمىشلىرىغا دائىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇمات بېرىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا يەنى بۇ يىل 5-ئايدا، ماركۇ رۇبىيو خىتاينىڭ تاشقىي پېرېۋوت مونوپولىيەسىگە قارشى سۇنۇلغان يەنە بىر قانۇن لايىھەسىنى قوللىغان ئىدى. «خىتاينىڭ تاشقىي پېرېۋوت ئالماشتۇرۇشتا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش قانۇنى» ناملىق بۇ لايىھە، ئامېرىكانىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىدىن «خىتاينىڭ پۇل مونوپولىسيەسىنى يېقىندىن تەقىپ قىلىشى» تەلەپ قىلىنغان. ماركۇ رۇبىيو بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئامېرىكا خەلقىنى «خىتاينىڭ پۇل مونوپولىيەسىدىن قوغداش ئۈچۈن بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.