ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئاۋازغا قويۇلمايۋاتقانلىقىنى يەنە تەنقىدلىگەن.
سېناتور ماركو رۇبىيونىڭ تىۋىتتېردىكى رەسمىي ھېسابىدىن تارقىتىلغان سىنغا قارىغاندا، ئۇ 1-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە ئۆزى باش بولۇپ تونۇشتۇرغان ۋە ئەينى چاغدا مەيلى دېموكراتلار بولسۇن ياكى جۇمھۇرىيەتچىلەر بولسۇن ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تولۇق قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ھازىرغىچە ئاۋام پالاتادا ئاۋازغا قويۇلماسلىقىنىڭ ئۆزىنى ھەيران قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئائىلىلىرىدىن جۇدا قىلىنىپ قۇللاردەك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار دىنىي-ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە، ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ، شۇنداقلا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ قىلمىشلار ئاقىلانە ھالدا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ بىلەن مەن ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى› نى تونۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدىم. بۇ لايىھە تولۇق ئاۋاز بىلەن كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتتى، ئەمما ئاۋام پالاتادا ئاۋازغا قويۇلۇشنى كۈتۈپ ياتىدۇ.»
ئۇ بۇ لايىھە خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تاقاشقانلىقتىن، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما ئاۋام پالاتاسىنىڭ ھازىرغىچە بۇنى ئاۋازغا قويماسلىقىنى «چۈشىنىش قىيىن» دەپ تەكىتلىگەن.
ماركو رۇبىيو بۇ يىل 18-يانۋاردا قىلغان سۆزىدىمۇ ئۆزىنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتى سۇنغان «مۇداپىيە خامچوت قانۇنى» نى رەت قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ 4330-نومۇرلۇق «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.