سېناتور ماركو رۇبىيو ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاش ھەققىدە يېڭى بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.12.15

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، يەنى سېناتور ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئاۋغۇست پفلۇگېر (August Pfluger ) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا بىۋاسىتە رول ئالغان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇردى.

15-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ قانۇن لايىھەسىگە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك جازالارنى تەكشۈرۈش قانۇنى» ( Uyghur Human Rights Sanctions Review Act ) دەپ نام بېرىلگەن. سېناتور ماركو رۇبىيونىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىن قارىغاندا، بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا رول ئالغان Hikvision، داخۇا، تيەندى ۋە BGI قاتارلىق خىتاي شېركەتلىرىگە جازا تەدبىرى قويغىلى بولىدىكەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:

«خىتاي كومپارتىيەسى باشقۇرۇشىدىكى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىدى. بىز بۇ قانۇن ئارقىلىق ئامېرىكا مالىيە مىنسىتىرلىقىنىڭ دەرھال بۇ شىركەتلەرگە جازا تەدبىرى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

سېناتور ماركو رۇبىيو باياناتتىكى سۆزىدە، «ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قاتناشقان شىركەتلەرگە دەرھال تەدبىر قوللىنىش» قا چاقىرغان. ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئاۋغۇست پفلۇگېر بولسا سۆزىدە «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەر تۈرلۈك باستۇرۇشلىرىغا ياردەم قىلىۋاتقان بۇنداق تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ جازاسىز قالماسلىقى كېرەكلىكىنى» ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.