خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە تىكلەنگەن ماۋ زېدۇڭنىڭ 37 مېتىرلىق ھەيكىلى چېقىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.01.08

خېنەن ئۆكىسىنىڭ تۇڭشۈ ناھىيەسىدىكى دېھقانلار 3 مىليون يۈەن پۇل خەجلەپ تۇرغۇزغان ئېگىزلىكى 37 مېتىرلىق ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەيكىلى چېقىۋېتىلگەن. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ھەيكەلنى رۇخسەتسىز ياسالغان، دەپ چېقىۋەتكەن.

ئەگەر بۇ ھەيكەل چېقىۋېتىلمىگەن بولسا، ئۇ خىتايدا ماۋ زېدۇڭنىڭ ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قالغان بىر نەچچە ھەيكىلىنىڭ بىرى بولۇپ قالاتتى.

ماۋ زېدۇڭنىڭ خىتايدىكى يەنە بىر ھەيكىلى ھازىر قەشقەر شەھىرىدە ساقلىنىپ قالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئېگىزلىكى 24 مېتىرلىق مەزكۇر ھەيكەلنى قەشقەر خەلقى 1980 ۋە 1990-يىللاردا ئېلىۋېتىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر رەت قىلغان.

خىتاينى 27 يىل مۇستەبىتلىك بىلەن سورىغان كومپارتىيەنىڭ مەزكۇر سابىق رەھبىرىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك ھەيكىلى تۇڭشۈ ناھىيەسىنىڭ سۈنيىڭ يېزىسى جۇشىگاڭ كەنتىدىكى بىر ئاق دالاغا قۇرۇلغان. 3 مىليون يۈەن پۇل سەرپ قىلىنغان مەزكۇر ھەيكەلنىڭ قۇرۇلۇشى 2015-يىلى 3‏-ئايدا باشلىنىپ، 12‏-ئايدا پۈتكەن ئىدى.

خىتاي «خەلق گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى تۇڭشۈ ناھىيەلىك زېمىن ۋە تەبىئىي بايلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ھەيكەلنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى، ئەمما چېقىلىش سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەگەر ھەيكەل رۇخسەتسىز سېلىنغان بولسا، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ھەيكەلنى قۇرۇلۇش باشلىغاندا توختىتىپ قويماي، نېمە ئۈچۈن ئۇ پۈتۈپ چىققاندا چېقىۋەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. خېنەن ماۋ زېدۇڭ ھاكىمىيەت سورىغان 27 يىلدا ئەڭ ئېغىر قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن رايونلارنىڭ بىرى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.