ما شىڭرۇي خوتەننى كۆزدىن كەچۈرگەندە خوتەننىڭ كان باشلىقلىرىنى ئېچىشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي 16-ئىيۇل خوتەن ۋىلايىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خوتەننىڭ ئالاھىدە كان بايلىقلىرىنى ئېچىشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۇي سۆزىدە، «شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئامانىتىنىڭ جىددىيلىكىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ھېس قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ‹شاھمات كۆزى› نى ئاكتىپ ھالغا ئەكېلىشنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش» نى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر «پايدىلىق تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى تېزلىتىشى، يېشىل كانچىلىق قاتارلىق غول سانائەت ئالاھىدە تۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشى كېرەك» ئىكەن.

خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ئەڭ قاتتىق باستۇرۇش نىشانلىرىنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي نوپۇسى ۋە زاۋۇت-كارخانىلار بۇ جايغا كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىنگەن ۋە يېڭى تېخنىكا تەرەققىياتىغا زۆرۈر بولغان قىممەتلىك كان بايلىقلىرىنى ئېچىش قەدىمى جىددىي تېزلىتىلگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە خوتەن مەجبۇرىي ئەمگەك كەڭ ئومۇملىشىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى قاتتىق تۆۋەنلەپ كەتكەن ۋىلايەتلەردىن بىرى بولۇپ قالغانىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ما شىڭرۇي بۇ سەپىرىدە يەنە خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدە قۇرۇلۇۋاتقان «كۈنگاڭ ئىقتىسادىي تېخنىكا ئېچىۋېتىش رايونى» نامىدىكى رەڭلىك مېتال سانائەت باغچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغان.

ھالبۇكى، لوپ ناھىيەسى خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» دە نۇرغۇن كارخانىلار كۆچۈرۈپ كېلىنىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بازىسىغا ئايلانغان ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولغان. ما شىڭرۇي بۇ يەردە مەزكۇر سانائەت باغچىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، بۇ سانائەت رايونىدىكى «شىنجاڭ خۇاشاۋيۇن قوغۇشۇن-سىنك كېنى» نىڭ تەرەققىياتى ۋە «كۇئېنلۇن كۆك ئالماس لىتىي سانائىتى» ۋە «جىسۈن لىتىي سانائىتى» قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن. ھالبۇكى، چەتئەل تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بۇ خىل قىممەتلىك ماددىلارنىڭ كەڭ قېزىش باسقۇچىدا كەڭ ئومۇملاشقانىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، ما شىڭرۈينىڭ يەنە يۇرۇڭقاش دەرياسى سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ، خىتاي دۆلەت كابىنېتى مەبلەغ سالغان بۇ قۇرۇلۇشنى «ۋاقتىدا پۈتتۈرۈش» نى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.