مايا ۋاڭ: «ھىندونېزىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى تاشلىۋېتىشى بەكمۇ زور شەرمەندىلىك!»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلات توغرىسىدا مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرۇش تەكلىپى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەتتىن 19 دۆلەتنىڭ رەت قىلىشى، 17 دۆلەتنىڭ ھېمايە قىلىشى تۈپەيلىدىن ئاۋازغا قويۇشتا مەغلۇپ بولغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ 19-ئۆكتەبىر كۈنى مەخسۇس ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە خىتاينى قوللاپ بېلەت تاشلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا مايا ۋاڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ مۇسۇلمان نوپۇسىغا ئىگە، دەپ قارىلىدىغان ھىندونېزىيەدىكى بىر قىسىم ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇش ھەققىدە سۆز بولغاندا، بۇنى ئىزچىل «غەرب دۇنياسىنىڭ ئويۇنى» دەپ قاراپ كەلگەنلىكىنى، يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا بۇ ھالنىڭ تېخىمۇ يامانغا ئۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى شەرھىيلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى ئاشۇ قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا ھىندونېزىيەنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى فېبريان رۇديارد (Febrian Ruddyard) نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھېمايە قىلىپ ئاۋاز بېرىشىدە ئەكس ئەتكەن. ئۇ بۇ ئەھۋالنى ئەيىبلەپ: «ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى بېرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى ھېمايە قىلغان، ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەپ پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىغا ھېسداشلىق قىلغان، شۇنىڭدەك غەرب دۇنياسىدىكى ئىسلام ۋەھىمىسىنى تەنقىدلەپ ھارمىغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كەلگەندە بىردىنلا ئۇلارنى مەۋقەسى ئۆزگىرىپ قالدى. بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەكمۇ زور شەرمەندىلىك» دەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەسىرى كۆپلىگەن ئاجىز ۋە كەمبەغەل دۆلەتلەرنى خەلقئارا سورۇنلاردا خىتاي ھەققىدە سۆز بولغاندا سۈكۈت قىلىشنى تاللاشقا ئۈندەۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال يېقىنقى مەزگىللەردە تېزدىن ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم.