مايك پەنس خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بويىچە جازالاش ھەققىدە سىگنال بەرمەكتە

مۇخبىرىمىز سادا
2019-08-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس 5-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار، دېموكرات خىتاي ۋەكىللىرى، خرىستىئان ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ۋەكىللىرىنى ئاق سارايغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولغان ئىدى. سۆھبەت جەريانىدا ئۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازالايدىغانلىقىدىن شەپە بەرگەن.

ئامېرىكادىكى خەۋەر ۋە ئۇچۇر تور بېكىتى بولغان ئاكسىيوس(Axios) تورىنىڭ 6-ئاۋغۇستتىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە «خىتايغا ياردەم» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى بوپ فۇنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مايك پەنس 5-ئاۋغۇست كۈنى ئۇنىڭغا بۇ يىل كۈز ئايلىرىدا خىتاينى ئاساسىي تېما قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق نۇتقىنى سۆزلەيدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بوب فۇ مايك پەنس بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىغا چېتىشلىق ئەمەلدارلاردىن چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ تىزىملىكىنى بېرىپ، ئۇلارغا جازا قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. مايك پەنس بۇ ھەقتە كەسكىن ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

5-ئاۋغۇستتىكى ئۇچرىشىشقا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. بۇ جەرياندا ئۇ مايك پەنسكە ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلىرىغا قارشى كونكرېت تەدبىر ئېلىشىنى جىددىي ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. مايك پەنسمۇ جاۋابەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلگەن بىر ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان بۇ مۇئامىلىگە نىسبەتەن قانداق تەدبىر ئېلىش مەسىلىسىدە داۋاملىق ئىزدىنىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت