مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۆز خەلقىگە قارشى سابىق شەرقىي گېرمانىيەدەك مېتودلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 8‏-نويابىر كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينى يەنە تەنقىد قىلغان.

ئۇ «بېرلىن تېمى» ئۆرۈلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا رۇسىيە، ئىران ۋە خىتاينى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ ئۆز خەلقىگە قارشى قوللانغان مېتودلىرىنىڭ «سابىق شەرقىي گېرمانىيەلىكلەرگە ئالاھىدە تونۇشلۇق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ مايك پومپېيونىڭ يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە خىتاينى 2‏-قېتىم قاتتىق تەنقىد قىلىشىدۇر. 

ئۇ تېخى 3 كۈن ئاۋۋال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئائىلىسىگە زىيانكەشلىك قىلماسلىققا چاقىرغان. مايك پومپيو باياناتىدا لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ دادىسىنىڭ يېقىندا ۋاپات بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، «بىز بېيجىڭنى يەنە بىر نۆۋەت چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بارلىق تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىكلىرىنى توختىتىشقا، ئاساسسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئەركىن ئالاقىدە بولۇشىغا يول قويۇشى ۋە تەسىرگە ئۇچراتماسلىققا چاقىرىمىز،» دېگەن ئىدى. 

پومپېيو جۈمە كۈنى بېرلىندا يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «يېڭى بىر خىل ئىستىبداتلىق چۈشەنچىسى شەكىللەندۈرىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلەپ، گېرمانىيەنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ گېرمانىيەنىڭ خىتاي ئالاقە-تېخنولوگىيە شىركىتى خۇاۋېينىڭ ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىپ، 5‏-ئەۋلاد ئۇچۇر ئامبىرى تورى قۇرۇش پىلانىنىڭ زور تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

مايك پونپېو رۇسىيە ھەققىدە توختالغاندا ئۇنىڭ قوشنىلىرىغا تاجاۋۇز قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۆكتىچىلەرگە سۇيىقەست قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز سېلىنمىمىزنى ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە ئارمىيەمىزدىن باشقا نەرسىگە ئىشلىتىشنى ئويلاپ، خاتالاشتۇق» دېگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پومپېيونىڭ سۆزى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى پومپېيونىڭ سۆزلىرىنى «ناھايىتى خەتەرلىك»، بۇ ئۇنىڭ «نىيىتىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ،» دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت