خىتاي تەشكىللىگەن ئۇيغۇرلار رايونى مەدەنىيەت ئۆمىكى پارىژدا لېكسىيە بەردى
ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى خىتاي ھاكىمىيىتى يولغا قويۇۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ۋە پىكىرلەر بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تەشكىللىگەن «جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» ناملىق ئۆمەك ئەزالىرى 25-ماي كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا لېكسىيە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.
-
مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016-05-26 -

«خىتاي ئۇچۇر تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئۆمەك شۇ جايدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئىقتىساد، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە باشقا جەھەتلەردە تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى تونۇشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش شۇنداقلا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانغان تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشمۇ ئۇلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى بولغان.
مەزكۇر ئۆمەكنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ جۈنشيەن لېكسىيە پائالىيىتىدىن كېيىن فىرانسىيەدىكى ئالاقىدار شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى مىللىي ۋە دىنىي سىياسەتلەر ھەققىدە چوڭقۇر مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار رايونىدىكى تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىردەك «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قاتارلىق بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ تېخى يېقىندىلا فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئېرسۇلا گوتىيرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ مۇشۇ خىلدىكى سىياسەتلىرىنىڭ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.