خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئاشكارا خاتىرىلەندى

يېقىندىن بۇيان خىتايدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى قىزىل ناخشا ئېيتىش پائالىيەتلىرى كۆپەيگەندىن باشقا يەنە، 1966-يىلى خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن قوزغالغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ شەنشىدىكى دەن دەن خۇڭ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، 9-ماي دۈشەنبە كۈنى شەنشىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سولچىلار يەنى قىزىللار شىئەن شەھىرىگە يىغىلىپ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش» سۆھبەت يىغىنى ئاچقان. مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن مەيدانىغا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ياشىسۇن» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغان.

مەزكۇر تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە بۇ يىل 2-ماي كۈنى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن قىزىل ناخشا پائالىيىتى سەۋەبىدىن خىتايدا قوزغالغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى ئىنكار قىلىش دولقۇنىدىن كېيىن، بىر قىسىم تورداشلار ۋە سولقانات ئەربابلار ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ، خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭ قوزغىغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلىگەنلىكى بايان قىلىنغان. مەزكۇر خەۋەردە يەنە «سۆھبەت قاتناشقۇچىلىرى ئۆز بايانلىرىدا دېڭ شياۋپىڭ رېۋىزىيونىست ھوقۇقدارلار گۇرۇھىنىڭ ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ، پۇرولېتارىيات ئىشلىرىغا ئاسىيلىق قىلىپ، جۇڭگونى كاپىتالىزم پاتقىقىغا پاتۇرۇپ، بۇ دۆلەتنى جاھانگىرلار ۋە كاپىتالىستلارنىڭ تەۋەككۈل باغچىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى» دەپ تەنقىدلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.