بۇ يىل 16-ماي كۈنى ماۋ زېدۇڭ خىتايدا قوزغىغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» غا توپ-توغرا يېرىم ئەسىر بولغان خاتىرە كۈن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى، سىياسىي ئاكتىپلىرى، بىلىم ئادەملىرى شۇنداقلا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نى باشتىن كەچۈرگەن خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا 20-ئەسىر خىتاي تارىخىدىكى بۇ «قاباھەتلىك 10 يىل» ھەققىدە قايتا ئويلىنىش قوزغالغان.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئاممىۋى تور بەتلىرى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ھەققىدە كەڭ-كۆلەمدە بەس-مۇنازىرىلەر قانات يايغان. بۇ ھەقتىكى نۇرغۇن ئىنكاسلاردا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاخىرلىشىپ 40 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان كوممۇنىست خىتايدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ باشقىچە بىر شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» غا توپ-توغرا 50 يىل تولغان بۇ خاتىرە كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىزىق تېمىغا سۈكۈت قىلىۋالغان.
خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ھۆكۈمەت گېزىتلىرىدىن «خەلق گېزىتى»، «نۇر گېزىتى»، «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» ۋە «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» قاتارلىقلارنىڭ بىرىنچى بېتىدە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ 50 يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلانغان بىر پارچىمۇ باش ماقالە بېسىلمىغان.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان داڭلىق گېزىتلەردىن «مىڭپاۋ» گېزىتىدە بۇ ھەقتە مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىنىپ، «‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› نىڭ 50 يىللىق خاتىرىسى جۇڭگو كومپارتىيەسىنى بىئارام قىلماقتا» دېيىلگەن.
