خىتاي ھۆكۈمىتى 50 يىل ئاۋۋالقى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى ئىنكار قىلدى
2016.05.17
16-ماي دۈشەنبە كۈنى 1966-يىلى خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭ قوزغىغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى يەنى «10 يىللىق قالايمىقانچىلىق» نىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنى.
دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ھېچقانداق ئىنكاس بېرىلمەسلىكى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئەمما 17-ماي سەيشەنبە كۈنى سەھەردە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن خەلق گېزىتى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى، خىتايدا بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ قايتا ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رېن پىڭ تەخەللۇسىدا ئېلان قىلىنغان «تارىختىن ساۋاق ئېلىپ تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرىلەيلى» سەرلەۋھىلىك ئوبزوردا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسى ئىپادىلىنىپ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلىنىپ ئەيىبلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
1976-يىلى خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭ ئۆلۈپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ ئايالى جاڭ چىڭ ۋە جاڭ چۈنچياۋ، ۋاڭ خوڭۋېن، ياۋ ۋېييۈن قاتارلىق 4 چوڭ ئەمەلدار ھەمدە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى تۆت كىشىلىك گۇرۇھ نامىدا تۇتقۇن قىلىنغان. 1981-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1966-يىلدىن 1976-يىلغىچە داۋاملىشىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ زىيانكەشلىكىگە سەۋەب بولغان مەزكۇر ئىنقىلابنى «10 يىللىق قالايمىقانچىلىق مەزگىلى» دەپ ئېلان قىلىپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدىكى خاتالىقلارغا يول قويۇلغان ھەرىكەت دېيىلگەن. ئەمما كېيىنكى چاغلاردا خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ ئوبرازىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر ھەرىكەت ھەققىدە كۆپ توختىلىشنى چەكلىگەن ئىدى.









