رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» غا باھا بەردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.05.19

خىتايدا ۋە خەلقئارادا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ 50 يىللىق خاتىرىسى مەزگىلىدە تۈرلۈك ئانالىز، باھالار ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان پەيتتە، رۇسىيەدىكى ئاساسلىق مەتبۇئاتلار تۈرلۈك ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى-خىتاي تارىخىنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك سەھىپىلىرىنىڭ بىرى» دەپ كۆرسەتتى.

رۇسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆزىنىڭ 16-مايدىكى پروگراممىسىدا خىتاي تەرەپ ئون يىللىق مالىمانچىلىق مەزگىلىدە نەچچە يۈز مىڭ كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ:« گەرچە ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، خىتايدىكى نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا مۇشۇ ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› نى سېغىنماقتا. مۇشۇ مالىمانچىلىقنى قوزغىغان ماۋ زېدۇڭنىڭ باش سۈرىتى ھازىرمۇ تيەنئەنمېن راۋىقىدا جاھانغا نەزەر تاشلاپ تۇرماقتا.» خەۋەردە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ستالىنغا بولغان شەخسىي چوقۇنۇش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ئەھۋالدىن ساراسىمغا چۈشۈپ قالغان ماۋ زېدۇڭنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتنى قوزغىغانلىقى ئالغا سۈرۈلىدۇ.

مۇشۇ قاتاردا «رۇسىيە خەۋەر تورى» نىڭ 18-مايدىكى «قىزىل رەڭلىك ئادەمخورلار» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ماقالىسىدە «قىزىل قوغدىغۇچىلار»، «ئىسيانكارلار» نىڭ ئون يىللىق مالىمانچىلىق مەزگىلىدە يۈز مىليون كىشىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى، ئىككى مىليون كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار رايونىدىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ قوشلاپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ھەرقاچان نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.