خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ خاراب قىلىنىشىنى نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر «ئاشكارا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىماقتا.
ئامېرىكادىكى ئوقۇرمەنلىرى بىرقەدەر كۆپ بولغان تورلاردىن «SupChina» تورىدا 5-ماي كۈنى تونۇلغان سەنئەتكار مەت دەگېر بىلەن «لاگېر ئالبومى قۇرۇلۇشى» نىڭ مەسئۇلى، «بىر ئوچۇم» تەخەللۇسىدىكى سەنئەتكارنىڭ سۆھبىتى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر سەنئىتىنى قانداق ۋە قانچىلىك ساقلاپ قېلىش ھەققىدە كەڭ-كۇشادە بىر مەيدان سۆھبەت بولدى.
بۇ جەھەتتە «بىر ئوچۇم» نىڭ ئالدى بىلەن ئويلاۋاتقىنى سەنئەت ۋە مەدەنىيەتنى نۆۋەتتە ئىجرا بولۇۋاتقان زۇلۇم ۋە قاباھەتكە قارشى بىر تۈرلۈك قورالغا ئايلاندۇرۇش ئىكەن. ئۇ ئۆزى مەسئۇل بولۇۋاتقان «لاگېر ئالبومى قۇرۇلۇشى» دەل مۇشۇ خىلدىكى سۈرەتلەر، رەسىملەر، فىلىملەر ۋە شېئىرلارنى توپلاۋاتقان بولۇپ، مۇشۇلار ئارقىلىق لاگېرلارنى چۆرىدىگەن زۇلۇمغا قارشى سادالارنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
«بىر ئوچۇم» نىڭ ئۆزى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھەمدە «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوبۇل قىلماسلىق» دېگەن بەلگىلىمىنىڭ تەسىرىدىن تۈزۈكرەك خىزمەت تاپالمىغان سەنئەتكار بولۇپ، نۆۋەتتە مىڭلىغان مۇھاجىرلارغا ئوخشاش ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى كېسىلگەن ھالدا ئامېرىكادا ھىجرەتتە ياشىماقتا ئىكەن. ئۇ دەل مۇشۇ خىل رېئاللىقنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى قازاقلار بولسۇن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى باشتىن كەچۈرگەن خىتاي شوۋېنىزىمى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى سەنئەت شەكلىدە ئەكس ئەتتۈرۈشنى «ئۇيغۇر سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىر تۈرلۈك چارىسى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
سۆھبەتتە ئۇلار بۇ جەھەتتىكى بىر قىسىم ئەمگەكلەر، بولۇپمۇ شىمىزۇ تومومى ئىشلىگەن مېھرىگۈل تۇرسۇن ھەققىدىكى كارتونلۇق ھېكايىنى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ كۆرگەنلىكى، «باديۇساۋ» تەخەللۇسىدىكى خىتاي رەسسامنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سىزغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار تەسۋىرى، قازاقىستاندىكى بىر قىسىم سەنئەتكارلارنىڭ خىتايلار ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ۋە نازارەت دۆلىتى بەرپا قىلىشنى پاش قىلىش مەزمۇنىدىكى ئەسەرلىرىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق «سەنئەت ۋاسىتىسىدە ھەقىقەتنى نامايان قىلىش» نىڭ مۇشۇ خىلدىكى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دا بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا ئورتاق پىكىرگە كېلىدۇ.