ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار خىتاينى ئۇيغۇر «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار 9‏-دېكابىر كۈنى نامايىش قىلىپ، ب د ت نى خىتاينىڭ ئۇيغۇر «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىشىنى تەلەپ قىلغان.

«ھىندۇ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاندىكى رازا ئاكادېمىيەسى ۋە پۈتۈن ھىندىستان سۈننى ئۆلىمالار جەمئىيىتى ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادەش شتاتىدىكى مادانپۇرا بازىرىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. نامايىشچىلار «خىتاي بىگۇناھ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىشنى توختات»، «ب د ت خىتايغا قارشى ھەرىكەت قوللانسۇن» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، لاگېرلارنى ئاقلىغان ئوخشاش كۈندە ئېلىپ بېرىلغان. شۆھرەت زاكىر خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ كېلىۋاتقان لاگېرلاردىكى كۇرسانتلارنىڭ «ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى» نى ئېلان قىلغانىدى. «ھىندۇ» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مادانپۇرا بازىرىدىكى نامايىش سۈننىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتاقلىق ئىشانى ئابدۇقادىر جىلانى ھەزرەتلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان. ئابدۇقادىر جىلانى سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بىر ئۇلۇغ زات بولۇپ، ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار ھەر يىلى ئۇنى خاتىرىلەپ كەلگەن.

«جۇلۇسې-گاۋسىيە‏» دەپ ئاتالغان بۇ پائالىيەت بۇ يىل 9‏-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەنىدى. «ھىندۇ» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رازا ئاكادېمىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى مۇھەممەت سەئىد نۇرى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشقا كۆز يۇمۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى رەت قىلىنماقتا. سىز مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇشى، روزا تۇتۇشىنى چەكلىيەلمەيسىز. بۇ ھىندىستان ۋە دۇنيادىكى باشقا بارلىق دۆلەتلەر بىردەك ئېتىراپ قىلغان نېگىزلىك ھوقۇق. خىتاي ئۆزىنى بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ سىرتىدا ھېسابلىيالمايدۇ»، دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت