ئامېرىكا تاموژنا ئىدارىسىنىڭ كۆزى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەنگەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا تىكىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-27
Share

ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ كۆزى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەنگەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا تىكىلگەنلىكى، ئۇنىڭ دىققىتى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەشكە قارىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى دىققىتىنى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم كېچەكلەرنى تەكشۈرۈشكە قاراتماقتىكەن.

مەزكۇر ئورگاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» گە بەرگەن ئۇچۇرىدا، مەزكۇر ئورگاننىڭ دىققىتى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان-چىقىرىلمىغانلىقى، بۇ مەھسۇلاتلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك چەكلەش-چەكلىمەسلىككە مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا چېگرا باشقۇرۇش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ ياردەمچى ئىجرائىيە كومىسسارى برېندا سىمىس ئۆتكەن ھەپتە «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» گە قىلغان بۇ ھەقتىكى سۆزىدە: «شىنجاڭ، تاموژنا ئىدارىمىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قانچە دېلونىڭ بىرى. مەزكۇر ئورگان دىققىتىنى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىشنى كۈچەيتمەكتە» دېگەن.

ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قىسىم لاگېرلارنى بىكارلاپ، ئۇنىڭدىكى تۇتقۇنلارنى خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىغا يۆتكىگەنلىكى، شۇنداقلا لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا كەڭ كۆلەملىك يۆتكەپ، بۇ ئورۇنلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. ئامېرىكا قانۇنى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشى پۈتۈنلەي چەكلەيدۇ. ئامېرىكا چېگرا باشقۇرۇش ۋە تاموژنا ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى خوتەن «تەيدا كىيىم-كېچەڭ ھەسسىدارلىق شىركىتى» ئىشلىگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ قارارى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت