خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىسپاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن دۇنياۋى جەمئىيەت بولغان «ئادىل ئەمگەك جەمئىيىتى» بايانات ئېلان قىلىپ بۇ ھالنى تەنقىدلىدى.
باياناتتا بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە تېزدىن خاتىمە بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىن چىقىدىغان پاختا ۋە باشقا خام ئەشيالارنى ئاساس قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن دۇنيا بويىچە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى. شۇنىڭدەك يېقىندىن بۇيان ئەۋج ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ ئاپىرىپ ئىشچىلىققا تۇتۇشتەك قىلمىش ئەيىبلەندى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جوش خاۋلېي بۈگۈن ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىگە مەكتۇپ يوللاپ، خىتايدىكى تېببىي ئەسلىھەلەرنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىغا تايىنىشتەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش، شۇنىڭدەك بىر قىسىم زاۋۇتلارنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى تەكلىپ قىلدى. ئۇ بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ «بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلاردا خىتايغا تايىنىۋېلىشىنى كەچۈرۈشكە بولمايدۇ» دېدى.
