ئۆتكەن ھەپتىدە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ماقالىلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە سېتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلاتلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان ھەر ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغانىدى. 10-مارت كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى تەھرىراتىغا مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مەخسۇس ئوچۇق خەت يېزىلدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئايدىن ئەنۋەرنىڭ ئىمزاسىدا ئەۋەتىلگەن بۇ خەتتە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ ئۇيغۇرلار ئىشچىلىققا سېلىنىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىۋاتقانلىقى، شۇ ئىشچىلار قاتارىدا سانسىزلىغان لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ بارلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ئۇ ئاخىرىدا بۇ خىلدىكى كارخانىلارنى داۋاملىق پاش قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى قىلمىشىغا خاتىمە بېرىشنى، شۇنداقلا بۇ خىلدىكى «زامانىۋى قۇللۇق» تىن ئامېرىكانىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكى ھەمدە بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى خىتايغا بىلدۈرۈپ قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
