خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ياڭاق مەھسۇلاتلىرىنى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «كۆركەم تۆگە ناملىق مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى» ئافرىقىغا ياڭاق ئېكسپورت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ياڭاقچىلىق كەسپى ئىلگىرى جەنۇبتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇھىم تىرىكچىلىك مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ئۇلاردىن قالغان ياڭاقزارلىقلار خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.
يېقىندا ئۇيغۇر ئايال مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بۇ شىركەتلەردە ياڭاق چېقىۋاتقانلىقىغا دائىر سىن كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغانىدى. «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «كۆركەم تۆگە مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى» ماراكەشلىك بىر سودىگەر بىلەن 120 توننا ياڭاق سېتىۋېلىش توختامى تۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا تەييارلانغان ياڭاقلار 18-يانۋار كۈنى «كۆركەم تۆگە شىركىتى» نىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى تارماق پونكىتىدا ئاپتوموبىللارغا قاچىلانغان. بۇ شىركەت 2018-يىلى خوتەندە تىزىمغا ئالدۇرۇلغانىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، خىتاي ئۆزىنىڭ ئېكسپورت نىشانىنى ئۇنىڭ بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمەيدىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ۋە ئافرىقا ئەللىرىگە قاراتماقتىكەن. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى بىردەك چەكلىگەنىدى.