داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن كەلگەن ئاليۇمىننى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.02.02

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، دۇنياغا داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئاليۇمىن قاتارلىق ماتېرىياللارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ شىركەتلەر ئىچىدە ئامېرىكا ھەممىباپ ئاپتوموبىل شىركىتى (GMC)، تېسلا، بىيادى، تويوتا، ۋالكېسۋاگېن قاتارلىق شىركەتلەر بار ئىكەن.

99 بەتلىك بۇ دوكلاتتا، يۇقىرىقى شىركەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن شېرىكلەشكەنلىكى، ئەسلىدە كۆپىنچە دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان ئاليۇمىننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە سەل قاراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىچكىرى خىتايدىكى ئاليۇمىن، قەلەي زاۋۇتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن «ئەمگەك كۈچى يۆتكەش» پىلانىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدە ئىسپات تولۇق ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاليۇمىن تاۋلاش زاۋۇتلىرىغا يېقىلغۇ تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر كۆمۈر كانلىرىدا كۆپلەپ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئىشلەتكەن. بۇ زاۋۇتلار بۇلغىنىشچان كۆمۈرنى ئەڭ كۆپ سەرپ قىلىش ۋە ئەڭ كۆپ ئادەم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرغان.

«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» 2-فېۋرال كۈنى مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسەن بەرگەن خەۋەردىمۇ، «تېسلا، تويوتا، ۋالكېسۋاگېن قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلانغان تەمىنلەش زەنجىرىدىن قۇتۇلۇشقا كاپالەت بېرەلمىدى» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.