ئامېرىكا تاموژناسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.02.05

ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان 2022-يىلى 6-ئايدىن ھازىرغىچە، 2865 دانە يوللانما ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ قارىلىپ ئامېرىكاغا كىرىشى رەت قىلىنغان.

بۇ جەرياندا جەمئىي 6702 دانە يوللانما تۇتۇپ تەكشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى قويۇپ بېرىلگەن. ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا، تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەن يوللانمىلارنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئېلېكترونلۇق بۇيۇملار تەشكىل قىلىدىغانلىقى، كىيىم-كېچەك، ئاياق كىيىم ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا، سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنىڭ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاموژناسىدا تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەن 6702 دانە يوللانمىنىڭ 2671 دانىسى قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، يەنە 1166 دانە يوللانما تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا ئىكەن.

ئامېرىكا تاموژناسى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق كىيىم-كېچەك، ئاياق كىيىم ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىشتا ۋىيېتنامنىڭ خىتايدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش مۇتەخەسسىسلەر، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىشتا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى، بولۇپمۇ ۋىيېتنامنى قالقان قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دېگەن گۇمان بىلەن چېگرادا تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ كېلىش مەنبەسى بويىچە ھېسابلىغاندا، مالايسىيا بىرىنچى ئو‍رۇندا تۇرۇدىكەن. سانلىق مەلۇماتتا كېلىش مەنبەسى مالايسىيا بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتى بىر مىليارد 230 مىليون دوللار ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا، 2023-يىلى كېلىش مەنبەسى ۋىيېتنام بولغان 10 مىليون دوللاردىن ئارتۇق كىيىم-كېچەك، ئاياق كىيىم ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ ئامېرىكاغا كىرىشى رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.