گېرمانىيەنىڭ BASF خىمىيەلىك مەھسۇلات شىركىتى ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىشكە چاقىرىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.02.07

ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 6-فېۋرال خەۋەر بېرىشىچە، گېرمانىيە تاراتقۇلىرى 2-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ خىمىيەلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى BASF شىركىتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سىياسەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا BASF شىركىتىنىڭ دىرېكتورىغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىش جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىرغان.

تەكشۈرۈشتە ئېنىقىلىنىشىچە، 2018-ۋە 2019-يىل BASF شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تارماق شىركىتىنىڭ ئادەم ئېلىشقا مەسئۇل خادىمى خىتاي ئەمەلدارىغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە، بۇنداق زىيارەتلەردە ئۇيغۇر ئائىلىلەر خىتايغا شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بېرىشكە، سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىنىدىغان بولۇپ، ئارقىدىن ئۇلار سىياسىي جەھەتتە ئۆزگەرتىلىشكە، مېڭىسى يۇيۇلۇشقا يوللىنىدىكەن.

5-فېۋرال كۈنى 30 نەچچە سىياسەتچى ئىمزا قويغان بىرلەشمە مەكتۇبتا مۇنداق دېيىلگەن: «گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ئاشكارىلىغان مەلۇماتقا قارىغاندا، BASF شىركىتى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاشۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى خورلاش پائالىيىتىگە قېتىلغان. بىز بۇ شىركەتنى شىنجاڭدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىرىمىز. شىركىتىڭىزنىڭ ئىناۋىتى تۆكۈلۈشتىن ئىلگىرى كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇ جايدىن چېكىنىشىڭىزنى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمىز».

خەۋەردە بېرىلگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، BASF شىركىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىككى خىمىيە زاۋۇتى قۇرغان بولۇپ، 2016-يىل خىتاينىڭ «شىنجاڭ Markor خىمىيە سانائىتى شىركىتى» بىلەن شېرىكلەشكەن ئىكەن. ئۇلار ئاساسلىقى سۇلياۋ ۋە تەنتەربىيە كىيىملىرىگە ئىشلىتىدىغان سۈنئىي تالا ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.