ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى ئاخىرقى مۇزاكىرىگە قويماقچى
2024.02.08
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىچكى بازار كومىتېتى ۋە خەلقئارا سودا كومىتېتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تەكلىپ لايىھەسى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇزاكىرىگە قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا.
مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن مەھسۇلاتلارنى ياۋروپا بازىرىدىن چەكلەشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇۋاتقان تەشكىلاتلار بۇ لايىھەنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
5-فېۋرال كۈنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 30 دىن ئوشۇق نوپۇزلۇق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەمدە تىجارەت ئۇيۇشمىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا خەت يېزىپ، بۇ لايىھەنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ قول قويغان بۇ تەكلىپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش نىزامىنىڭ قاراتمىلىقىنى ئاشۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت بولۇش خەۋپى يۇقىرى رايونلار ۋە ساھەلەرنى بېكىتىپ چىقىش، شۇنداقلا دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشتىن ئىبارەت 5 ماددىلىق تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەكلىپ لايىھەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىدىغان ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت ۋە ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەيدىغان بىر رامكا بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئاللىقاچان ياۋروپا بازىرىغا كىرىپ بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا يىغىۋېلىش، ئىئانە قىلىۋېتىش ياكى يوقىتىش تەدبىرى قويىدىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى يولغا قويغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ مۇشۇنداق قانۇن چىقىرىشى لازىملىقى ھەققىدە چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى.









