ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى 5-مارت كۈنى ۋاقىتلىق بىر كېلىشىم ئىمزالاپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىمەكچى بولغان. بۇ كېلىشىم ياۋروپانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشتە ئامېرىكادىن كەينىدە قالغانلىقى نارازىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر كېلىشىم ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە بۇ ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەن شىركەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. بېلگىيە ئىقتىساد ۋە ئەمگەك مىنىستىرى پېررىيۇس دېرماگنى (Pierre-Yves Dermagne) بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، «بۇ كېلىشىم مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ سودا ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. بىز بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق، ئۇ شىركەتلەرنىڭ مەيلى ياۋروپادا ياكى چەت ئەلدە ئىشلەپچىقارغان ھەر قانداق مېلىنى ياۋروپا بازىرىدا سېتىلمايدىغان قىلىمىز» دېگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان بېلىگىيە دۆلىتى ئەمەلدارىنىڭ بۇ سۆزى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدىن كېلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ئىرادىسىنى نامايان قىلغان.

بۇ كېلىشىمدە چەكلەنگەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ سىرتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىلا ئەمەس، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەردە مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن زاپچاسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ۋاقىتلىق كېلىشىم ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى رەسمىي تەستىقلىغاندىلا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن ۋە ئىجرا قىلىنىدىكەن.