خەلقئارا مۇپەتتىشلىك مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرى ئەمگەككە ياردەم قىلماسلىقى تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.03.16

ئامېرىكادىكى «ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى» بىلەن «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» خەلقئارا مۇپەتتىشلىك شىركەتلىرىگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىشىغا ياردەم قىلماسلىققا چاقىرغان.

يېقىندا ئاۋسترالىيەدىكى بىر تەتقىقات ئورنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىپ، دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلارغا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بەزى داڭلىق ماركىلارنىڭ بىر قىسىم خەلقئارا مۇپەتتىشلىك مۇلازىمەت شىركەتلىرىنى ياللاپ، بۇ زاۋۇت-كارخانىلارنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ بەزى زاۋۇتلارنى تەكشۈرۈپ، بۇ ئورۇنلاردا مەجبۇرى ئەمگەك يوق، دەپ خۇلاسە چىقارغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

«ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى سكوت نوۋا بىلەن گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئادرېئان زېنز 17 خەلقئارا مۇپەتتىشلىك شىركىتىگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىشلەيدىغان زاۋۇت-كارخانىلاردا مۇپەتتىشلىك قىلىشىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. مەكتۇپتا، بۇ شىركەتلەرنىڭ «شىنجاڭدىكى مەجبۇرى ئەمگەك پاكىتلىرىنى يېپىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئورتاق جىنايەت شېرىكىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى» تەكىتلەنگەن. مەكتۇپ، «خەلقئارا ئىجتىمائىي جاۋابكارلىق تەشكىلاتى»، «ۋەرىتاس بيۇروسى»، «دۇنيا مەسئۇل ئاكىرىدىتسىيەلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتى» قاتارلىق شىركەتلەرگە يوللانغان.

«ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ۋەرىتاس بيۇروسى» ناملىق مۇپەتتىشلىك شىركىتى ئىلگىرى خىتاي «جوۋەن كىيىم-كېچەك شىركىتى» نىڭ جېلىليۈزى ناھىيەسىدىكى زاۋۇتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق مەجبۇرى ئەمگەك يوقلۇقىنى ئېلان قىلغانىكەن. ھالبۇكى، شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە بۇ زاۋۇتنىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەكتۇپتا تەكىتلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونى بەك بېكىنمە بولۇپ، مۇپەتتىشلىك شىركەتلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىشى بەك مۈشكۈل ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.