مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى پاختىدىن ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارغا كېڭەيگەن

2021-06-16
Share

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈشى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ئەمدى پاختا ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارغا كېڭەيگەن.

«ياپونىيە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى ئالما تېلېفونى زاپچاسلىرى ياسايدىغان Ofilm شىركىتىنىڭ زاۋۇتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن بازىرى كاساتلىشىپ، جياڭشىدىكى Wingthech شىركىتىگە 2. 4 مىليارد يۈەنگە سېتىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، Ofilm شىركىتى 2002-يىل قۇرۇلغان بولۇپ، ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ سەزگۈر ئېكران تاختىسىنى ياساش تېخنىكىسى بىلەن تەرەققىي قىلغان، 2017-يىل سونى شىركىتىنىڭ بىر زاۋۇتىنى سېتىۋالغان، كېيىن ئالما شىركىتىنىڭ ئاساسلىق مال تەمىنلگۈچىسىگە ئايلانغان. ئەمما ئامېرىكا ئۆتكەن يىل 7-ئايدا بۇ شىركەتنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ جازالاپ، چەكلىمە قويغاندىن كېيىن ئەھۋالى يامانلاشقان. زاۋۇتتا ئىلگىرى 4000 ئادەم ئىشلەيدىغان بولۇپ، ھازىر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئاساسەن توختاپ قالغان. چۈنكى بۇ زاۋۇت ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى ئۈچۈن ئالما شىركىتى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، ئاندىن سېتىلىشقا مەجبۇر بولغان.

Ofilm شىركىتى خىتاينىڭ تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان چوڭ تىپتىكى ئېلېكترونلۇق شىركىتى ھېسابىلىنىدىكەن. «ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى» تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتايدا ئالما شىركىتىگە مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر ئىچىدە يەنە 7 شىركەت مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە چېتىشلىق دەپ كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت