«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئاۋازدىن ئۆتكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-06-24
Share
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئاۋازدىن ئۆتكەن
Photo: RFA

24-ئىيۇن كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئاۋازدىن ئۆتكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي بىرلىشىپ تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 4-ئايدا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدا ماقۇللانغان ئىدى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېـتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ لايىھەنىڭ كېڭەش پالاتا تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىتىدىن ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلىگەن. ئۇ بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىدىن پايدا ئېلىشىنى چەكلەشتىكى مۇھىم بىر قەدەم، دەپ باھالىغان.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمالمايمىز. مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم قانۇن چىقىرىشىمىز كېرەك. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەمدى كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن تېزدىن ماقۇللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

كېڭەش پالاتاسى تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جېف مېركلېي مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالدىدا سۈكۈت قىلالمايدۇ. بىز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ماقۇللاپ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىشىمىز ۋە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سادىر قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ھەرىكەتكە ئۆتىشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ بۈگۈن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىتىدىن ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلىگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات باياناتىدا كېڭەش پالاتا تاشقىي ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ لايىھەنى ئەمدى رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت