ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى سودا ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئۆلچەم قىلماقچى
ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى زور كۆلەم ئېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن تۈرلۈك سودا مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن مال ئىمپورت قىلىشىغا قارىتا بەزى قاتتىق بولغان چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئالدىدا ئىكەن.
-
مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-08-10 -
-
-
ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى زور كۆلەم ئېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن تۈرلۈك سودا مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن مال ئىمپورت قىلىشىغا قارىتا بەزى قاتتىق بولغان چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئالدىدا ئىكەن. «ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 9-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى غايەت زور كېۋەزلىكلەردە ئىزچىل داۋام قىلدۇرۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ئەمەلىيەتتە دۇنيانى تەمىنلەۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ زور بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلماسلىقنى جىددىي ئويلاشماقتا ئىكەن. بۇنىڭدا يەنە پەمىدۇر (شوخلا) مەھسۇلاتلىرىمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» دەل بۇ جەھەتتىكى مۇھىم قورال ئىكەن. «خەلقئارا ئەمگەك ھەقلىرى بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى سكوت نوۋا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاموژنىسى ئۈچۈن كۈچلۈك قورال بولۇپ قالىدۇ» دېگەن. يەنە كېلىپ بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولىدىغان كەلگۈسى سودا پائالىيەتلىرى ئۈچۈن يېڭى سىياسەت تۈزۈش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاندا بۇ قانۇن لايىھىسى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنى چەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ سودا ۋەكىلى كاسېرىنا تاي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىزنىڭ مېھنەتكەشلەرنى مەركەز قىلغان سودا سىياسىتىمىز ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى تەڭسىز سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ھىمايە قىلىش رولىنى ئوينايدۇ» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغا قارىتا «شىنجاڭ مەسىلىسى پۈتۈنلەي بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە سىياسەت بەلگىلەش ھوقۇقى يوق» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرى ھەرقايسى ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە تېخىمۇ قاتتىق بولغان تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن.