مەجبۇرىي ئەمگەكنى بايقۇت قىلىش ھەركىتى دۇكانلارغا يۈزلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-08-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ تاشقىي دۇنياغا ئاشكارا بولۇشى بىلەن بىر قىسىم پىدايى ياشلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ماگىزىنلارغا يۈرۈش قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ ۋىجدانىغا بىۋاستە سوئال قويۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم ياشلار «بانانا جۇمھۇرىيىتى»، «ۋىكتورىيەنىڭ مەخپىيەتلىكى»، «نايكى»، «زارا» قاتارلىق خىتايدا ئىشلىنىۋاتقان دۇنياۋى ماركىلار تىزىلغان دۇكانلارغا كىرىپ، ئۇلاردىكى باھا كۆرسەتكۈچلىرىگە «بۇ مەھسۇلات ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن. بۇنى سېتىۋالسىڭىز قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغان بولىسىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئەسكەرتمىلەرنى چاپلاپ چىققان. بەزى ماركىلارنىڭ يانچۇقلىرىغا بۇ ئەسكەرتمىلەرنى سېلىپ قويغان.

فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھرىدە «پارىژ ياشلىرى كىلىمات ئۈچۈن» گۇرۇپپىسىدىكى فرانسىيەلىك ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆزلۈكىدىن بۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولسا، بوستون شەھرىدە ئۇيغۇر ئالىمە مايسەم مۇتەللىپوۋا بۇنى كېڭەيتىشكە كۈچ چقارماقتا ئىكەن. 

گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى بەرگەن بولسىمۇ، ئاۋام خەلق ئارىسىدا بۇ ھەقتىكى چۈشەنچە ھەممىلا كىشىگە مەلۇملۇق ھادىسىگە ئايلىنىپ كېتەلمىگەن. گەرچە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ جەھەتتە بىر يېڭىلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە جەلپ قىلىش رولىنى ئوينىشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت