ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان ياپونىيە شىركەتلىرى بېسىمغا دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-09-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ياپون شىركەتلىرىگە قاراتقان بېسىمىنى كۈچەيتكەن.

ياپونىيە ئاممىۋى تاراتقۇسى «NHK» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر نۇرغۇن خەلقئارالىق ئورگانلار ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە كۈچلۈك ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، خەلقئارالىق شىركەتلەر بۇ مەسىلىدە ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇر بولغان.

ئاۋسترالىيەدىكى «ASPI» ناملىق تەتقىقات ئورگىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دەپ كۆرسەتكەن خەلقئارالىق شېركەتلەر ئىچىدە ياپونىيەگە تەۋە 11 شىركەت بار بولۇپ، ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ شىركەتلەرگە بېسىم ئىشلەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيەدىكى «نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق» (Human Rights Now) ناملىق ئورگان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە شۇنداقلا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە خەت ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يۇقىرىقى بۇ 11 شىركەتنى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە ئىزاھات بېرىشكە چاقىرغان. ئۇلار ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ: «بۇ يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ئەھۋال،» دەپ كۆرسەتكەن.

شۇڭا بۇ ئورگان ھازىر ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ بارلىق تەمىنلەش زەنجىرلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا يەنە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرقايسى شىركەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بېرىشكە مەجبۇرلايدىغان بىر قانۇن بېكىتىپ چىقىشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت